جەمئىيەت ھەققىدە

بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم

 

بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت بىلىم ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىرى نۇقتىسىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بىر سەۋىيەگە يەتتى. بىراق، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرگە پاراللېل ھالدا روھىي ۋە ئەخلاقىي ساھەلەرگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۈنسايىن ئېشىپ، بۇ ساھەلەر نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. ماددا بىلەن روھ ئارىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىسنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز.

فارابىي تەلىم - تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە كىچىككىنە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان كارۋانلار سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، ئوتتۇرھاللىقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا،  ئاكادېمىكلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە پىداكار تەرىپىدىن 2014 - يىلى 10 – دېكابىر ئىستانبۇلدا رەسمىي قۇرۇلغان. جەمئىيىتىمىز ئەنگە ئېلىنىشتىن بۇرۇن «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» نامى ئاستىدا 2011 – يىلى ئىش باشلىغان.

جەمئىيىتىمىز شەرق - غەرب يېقىندىن تونۇيدىغان، ئىدىيەسى، قاراشلىرى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن دەۋر ھالقىغان بۈيۈك ئالىم، پەيلاسوپ فارابىي (951 - يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

ئىلىم – پەن دەۋرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، شۈبھىسىزكى، ئىنتېرنېت ۋە مېدىيا ۋاسىتىلىرىدۇر. جەمئىيىتىمىز ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان لايىھەلەردە، نىشان قىلىنغان ئىنسانلار توپىنىڭ غول پارچىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەلىم - تەربىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە مەنىۋى قىممەت قاراش ساھەلىرىدە مەيلى شەخس سۈپىتىدە بولسۇن ياكى  كوللېكتىپ سۈپىتىدە بولسۇن، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندە بۇ ۋاسىتىلاردىن ئۈنۈملۈك دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ئېتىقاد ئۇ مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا، جەمئىيىتىمىز قىممىتى بار دەپ قارىغان تۈرلۈك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

بولۇپمۇ كەڭ دائىرىلىك پايدىلىنىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن، ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندا، مەزمۇن، ئۈن – سىن، سۈرەت ۋە سەۋىيە نۇقتىسىدىن خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا نىشان قىلىنغان توپنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى جۇغلانمىسى بىلەن دىنىي قىممەت قاراشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.

قىسقىسى، جەمئىيىتىمىز ئىسمىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغان ئالىم، پەيلاسوپ فارابىينى يېتىشتۈرگەن، ماددا بىلەن روھ ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوغداپ قالالىغان، ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغان ئېسىل قىممەت قاراشلارغا چىڭ ئېسىلغان ھالدا، ئوتتۇرھاللىق بىلەن، تەلىم - تەربىيە ئاساسىدا ئېتىقاد، تىل ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ قوغدىلىشىنى نىشان قىلغان تەتقىقاتلارغا تايانغان لىنىيەدە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

بۇ جاپالىق ھەم ئۇزۇن يولىمىزنىڭ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىن.

 

Copyright © 2020 farabi.org.tr. All Rights Reserved.