120 قىسىملىق قۇرئان قىسسەلىرى بۇ كارتون فىلىم «قۇرئاندىكى ئەرلەر قىسسەسى»، «قۇرئاندىكى ئاياللار قىسسەسى»، «قۇرئاندىكى ھايۋاناتلار قىسسەسى» ۋە «قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئاجايىپ قىسسەلەر» دىن ئىبارەت 4 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر بىر بۆلۈمى 30 قىسىمدىن جەمئىي 120 قىسىم. بۇ فىلىم تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ۋە بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئۇسلۇبتا ئىشلەنگەن. نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئەرەب - ئىسلام ئەللىرىدىكى نوپۇزلۇق قاناللاردا كۆرسىتىلىپ كەلمەكتە. بۇ يۈرۈشلۈك فىلىم ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلىپ تاماملاندى. ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىمدىكى ئاياللار قىسسەسى» بىلەن «قۇرئان كەرىمدىكى ھايۋاناتلار قىسسەسى» ئېلان قىلىندى. تور بەت ۋە ئەپ دېتاللىرىدا تارقىتىلدى. 2025-يىلى رامىزاندا 120 قىسىملىق كارتون فىلىمنىڭ ھەممىسى ئەۋلاد يۇتىيۇب قانىلىدا ۋە ئەپ دېتاللىرىمىز بىلەن ئەۋلاد توربېكىتىدە تارقىتىلدى.
2019-يىلىدىن بويان ئەۋلاد ئەپ دېتالىمىزدا تارقىتىلىپ كەلگەن *«قۇرئاندىكى قىسسەلەر»* بۇ رامىزاندا https://youtube.com/@ewlatnet قانىلىمىزدا ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.