قۇمۇل ئىنقىلابىدىن كوممۇنىست چىن ئىستېلاسىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان

ئاپتورى: ھەمىدۇللاھ مۇھەممەد تارىم
نەشرگە تەييارلىغۇچى: خالىس ھەققۇلى
تەھرىرى ۋە كوررېكتورى: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
بەت ۋە مۇقاۋا لەيىھەلىگۈچى: ئالىمجان ئىبراھىم
نەشرىيات: ئەۋلاد نەشرىياتى
2021-يىل 2-ئاي 1-نەشرى
بەت سانى: 480 بەت، قاتتىق مۇقاۋا

كىتاب ھەققىدە:
بۇ كىتابتا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا شەرقىي تۈركىستان بويلاپ مىللىي ئىستىقلال يولىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار شانلىق كۈرەش - ئىنقىلابلار بايان قىلىنغان.
كىتابنى 1931-يىل پارتىلىغان قۇمۇل ئىنقىلابى (جىھادى) نىڭ غوللۇق ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان، يەنە كېلىپ بۇ ئىنقىلابنىڭ رەھبىرى خوجانىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا كاتىپلىق خىزمىتىنى قىلغان ھەمدۇللاھ مۇھەممەد ھاجى ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدا يازغان خاتىرىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. مۇئەللىپ بۇ كىتابىدا ئۆزى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئىشتكەنلىرى ئاساسىدا مۇقەددەس ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان تارىخىدا مۇھىم رول تۇتىدىغان تۆمۈر خەلىپە ئىسيانى (يېغلىقى) دىن تارتىپ ۋەتىنىمىزنى چىن (خىتاي) كوممۇنىست باسقۇنچىلىرى ئىستېلا قىلغۇچە بولغان ئاز كەم 40 يىللىق مىللىي ئىنقىلاب تارىخىنى ئىخچام ۋە قىسقىچە يۇرۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. شۇڭا بۇ ئەسەر ھازىرغىچە ۋەتەن سىرتىدا نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «ئۆلكە تارىخى»، «ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى (2-قىسىم)»، «تۈركىستان قايغۇسى (1-قىسىم)»، «ئىنقىلاب خاتىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن كېيىنكى شەرقى تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان مىللىي ئىنقىلاب تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە يەنە بىر مۇھىم ۋە كەم بولسا بولماس تۇلۇقلىما دېيىشكە بولىدۇ.

Copyright © 2020 farabi.org.tr. All Rights Reserved.